ناۋرۇ مىنىستىرى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بارغان رۇسىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلدى

جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان ئارال دۆلىتى ناۋرۇنىڭ سەھىيە ۋە قاتناش مىنىستىرى ۋولدون دوۋىيوگو رۇسىيە زىيارىتى ئەسناسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

627177
ناۋرۇ مىنىستىرى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بارغان رۇسىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلدى
naurulu bakan rusya'da öldü1.jpg
naurulu bakan rusya'da öldü.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ناۋرۇنىڭ سەھىيە ۋە قاتناش مىنىستىرى ۋولدون دوۋىيوگو رۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. دوۋىيوگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى بىلىنىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ناۋرۇنىڭ سابىق باش مىنىستىرى بېرنارد دوۋىيوگونىڭ ئوغلى بولغان 48 ياشلىق ۋولدون دوۋىيوگو، مالىيە ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى داۋىد ئادېياڭ بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەگە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ بارغان.

21 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق يۈز ئۆلچىمى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئارال دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان ناۋرۇدا تەخمىنەن 9 مىڭ 300 كىشى ياشايدۇ. ناۋرۇ يېقىنقى يىللاردا تەۋەلىكىدە ئاۋستىرالىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان پاناھلانغۇچىلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىي بىلەن دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالماقتا.

ئاۋستىرالىيە قىيىقلار بىلەن يېتىپ كەلگەن كۆچمەنلەرنى ناۋرۇدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ئەۋەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر