«ئۆلۈم يامغۇرى» ئاستىدىكى شەرقىي ھەلەبتىن بىر تۈركۈم پۇقرالار تارقاقلاشتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قاتتىق بومباردىمانلىرى ئاستىدا قالغان ھەلەب شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن تۇنجى كەڭ دائىرىلىك تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

626241
«ئۆلۈم يامغۇرى» ئاستىدىكى شەرقىي ھەلەبتىن بىر تۈركۈم پۇقرالار تارقاقلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا قىزىل كىرىس جەمئىيىتى، كۆپىنچىسى كېسەل 150 دەك پۇقرانى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىگە يوللىدى. جەمئىيەت تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئەررازى ۋە ئىبنى خەلدۇن دوختۇرخانىلىرىدىن ئېلىنغان 118 بىمار شەھەرنىڭ غەربىدىكى بىخەتەر دوختۇرخانىلارغا؛ ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دىن ئارتۇق پۇقرا شەھەرنىڭ غەربىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

15 – نويابىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى يۈزىسىدىن ئۆكتىچىلەر شەرقىي ھەلەبنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى قولدىن بېرىپ قويدى.

بۇ جەرياندا، ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلىۋاتقان رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ريابكوۋ بايانات بېرىپ، ۋاشىنگتون بىلەن ھەلەب توغرىسىدا كېلىشىشكە ئازلا قالغانلىقىنى بىلدۈردى؛ يېقىنقى كۈنلەردە ھەلەب ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار نۇرغۇن ھۆججەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلغان ريابكوۋ، «رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا قايسى ھۆججەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. دەرۋەقە، كېلىشىم تېكستلىرىگە ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلمەكتە.» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان گېرمانىيەدە ئامېرىكىلىق مەنسەپدىشى جون كېررى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭمۇ خىزمەتلەرنىڭ جىددىي ئىشلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان رىيابكوۋ، «ئۈمىدۋارلىقنى ئاشۇرۇشنى خالىمايمەن، لېكىن، ھەلەب مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇشقا كېلىشىمىزگە ئاز قالدى. ئەمما، يېقىنقى ئايلاردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئورناتقان دىيالوگلاردىكى تەجرىبىلىرىمىز بىزنى تەمكىن بولۇشقا ئىتتىرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر