ترامپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى سىياسىتىدە كۆرۈلىدىغان زور ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ، ئامېرىكا يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي ۋە تاشقى سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

625328
ترامپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى سىياسىتىدە كۆرۈلىدىغان زور ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ، يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ چەت دۆلەتلەردىكى ۋەيران قىلغۇچ تاشقى مۇداخىلە سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىپ، دىققىتىنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2017 – يىلى 20 – يانۋاردا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىغان دونالد ترامپ، 8 – نويابىردىكى سايلاملاردا غەلىبە قىلغان ئىشتاتلارغا قاراتقان «مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش زىيارەتلىرى» دائىرىسىدە بارغان شىمالىي كارولىنادا سۆز قىلدى؛ مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال جېيمس ماتتىسنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ترامپ، يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ھەربىي ۋە تاشقى سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چەت دۆلەتلەردىكى توقۇنۇشلارغا مۇداخىلە قىلىشنىڭ ئورنىغا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە مەركەزلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا: «بىز، ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيدىغان چەت ئەل تۈزۈملىرىنى ئاغدۇرۇش مۇسابىقىسىگە خاتىمە بېرىپ،  تېررورلۇقنى، دائېشنى يېڭىشكە مەركەزلىشىشىمىز كېرەك. بۇ نىشانلار بىلەن ئورتاقلاشقان ھەر قانداق دۆلەت ئامېرىكىنىڭ شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. كونا دوستلۇقلىرىمىزنى كۈچەيتىپ، يېڭى دوستلۇقلارنى ئورنىتىشنى خالايمىز. تارىختىن ئالغان ئىبرەت بىلەن مۇقىملىق يارىتىشنى خالايمىز. ئەمدى بۇ ۋەيران قىلغۇچ تاشقى مۇداخىلە سىياسەتلىرى ۋە پاجىئەگە خاتىمە بېرىلىشى لازىم.» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر