ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇل خەلقىنى دائېشقا قارشى ياردەم قىلىشقا چاقىردى

ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلدا ئايروپىلاندىن تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تاشلاپ خەلقنى دائېشقا قارشى ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

624817
ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇل خەلقىنى دائېشقا قارشى ياردەم قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇل ۋە كەركۈكنىڭ ئەل-خاۋىجە ۋە ئەنبار رايونلىرىغا قاراشلىق ئەل-قايىم ناھىيەلىرىگە ئايروپىلاندىن تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تاشلاپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۆزلىرىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان گېنېرال مۇھەممەد ئابدۇلغېنى ئەل ۋالى، مۇسۇلدا ئايروپىلاندىن تاشلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا خەلقنىڭ شەھەرنىڭ مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىشى ئۈچۈن قوللاپ-قۇۋەتلەشكە چاقىرىلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئىراق ھۆكۈمىتى مۇسۇلنى دائېشتىن تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا ھەربىي ئالاقە ۋە كوردىنات ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇشىنى خالايدۇ.»

ئىراق ھەربىي مەسئۇللىرى يېقىن مەزگىللەردە مۇسۇلدىكى دائېشنىڭ نوپۇزىنى يوق قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى قىسىملىرى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە باشىكا بازىسىدا تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تەلىم ئالغان نىنوۋا مۇجاھىتلىرى 17-ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر