خۇبېىي ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
خۇبېىي ئۆلكىسىگە قاراشلىق بادۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئىشچى قاپسىلىپ قالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ بادۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ 11 ئىشچى كۆمۈر كانغا قاپسىلىپ قالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتلاش ۋەقەسى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ بادۇڭ ناھىيەسىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن.
بادۇڭ تۇسى مىياۋزۇ رايونىدىكى بىر كۆمۈر كاندا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا، كۆمۈر قانغا قاپسىلىپ قالغان 11 ئىشچىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە ئەترەتلىرى نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن.
يەرلىك دائىرىلەر پارتلاش ۋەقەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق جىفىڭ شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كاندا 3-دېكابىردا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىدىمۇ 32 ئىشچى ئۆلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.