كىچىك بانا يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نىدا قىلدى
ھەلەب قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان بانا يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نىدا قىلدى.
624492

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ھاكىمىيەت ۋە ئىراننىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى شىئە قوراللىقلىرىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي ھەلەبتە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلاتقان 7 ياشلىق بانا ئەلئابەد، ھۇجۇم ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
شەنبە كۈنىدىن بۇيان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، تۋىتتېر ئادرېسىمۇ ئېچىلمىغان بانا، تۈنۈگۈن كېچە تۋىتتېر ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ھۇجۇم ئاستىدا قېلىۋاتىمىز. كېتىدىغان ھېچقانداق يەر يوق. ھەر بىر مىنۇت ئۆلۈم كەبى... بىزگە دۇئا قىلىڭلار. ئامان بولۇڭلار» دېدى.