دۇنيا مىقياسىدا قورال سېتىش نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيەنىڭ 2 قورال شىركىتى قورال سودىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن شىركەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

624595
دۇنيا مىقياسىدا قورال سېتىش نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا 5 يىلدىن بۇيان ئارقىمۇ - ئارقىدىن قورال سېتىش نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە.

سىتوكھولىم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنسىتېتۇتىنىڭ 2015 – يىللىق دوكلاتىدا، خەلقئارادىكى تۆۋەنلەشكە قارىماستىن، غەربىي ياۋروپادىكى قورال شىركەتلىرىنىڭ يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

دۇنيا بويىچە 100 ئەڭ چوڭ قورال ۋە ھەربىي ئەسلىھە شىركەتلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرگە كۆرە، قورال سودىسىدا ئالدىنقى يىلى يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسى 370 مىليارد 700 مىليون ياۋرو بولغان ۋە شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %0.6 تۆۋەنلىگەن. 

قورال سودىسىدا قولغا كەلگەن يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ ئۈچتەن ئىككىسى (يەنى تەخمىنەن 209 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق قىسمى) ئامېرىكا شىكەتلىرىگە ئائىت.

ئامېرىكا قورال شىركەتلىرىنىڭ سېتىش نىسبىتى %3 ئارقىغا چېكىنگەن. بىراق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قورال سېتىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىگەن. ياۋروپادىكى قورال شىركەتلىرىنىڭ يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسى 2015 – يىلى شۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6.6 يۇقىرى ئۆرلەپ، 95 مىليارد 700 مىليون دوللار (يەنى 90 مىليارد ياۋرو) گە چىققان.

سىتوكھولىم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنسىتېتۇتى تەرىپىدىن رەتكە تېزىلغان قورال سېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى 100 شىركەتنىڭ ئارىسىدا تۈركىيەنىڭ 2 شىركىتىمۇ بار.

تۈركىيە ھەربىي ئېلېكېتىرون سانائىتى شىركىتى «ASELSAN» تىزىملىكتە 82 – ئورۇندا ھەمدە تۈركىيە ئاۋېئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى ھەسسىدارلىق شىركىتى TUSAŞ  بولسا، 91- ئورۇندا كۆرسىتىلگەن. 

تۈركىيە ھەربىي ئېلېكېتىرونلۇق سانائىتى شىركىتى «ASELSAN»نىڭ يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ 979 مىليون دوللاردىن 1 مىليارد دوللارغا چىققانلىقى، تۈركىيە ئاۋېئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى ھېسسىدارلىق شىركىتى «TUSAŞ»نىڭ يىللىق ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ ئەسلىدىكى 736 مىليون دوللاردىن 890 مىليون دوللاغا چىققانلىقى قەيت قىلىنغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر