بېلگىيە مەھكىمىسى، قاچقۇن تېررورچى فەخرىيە ئەردال دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا باشلىدى

بېلگىيە ئەدلىيە تارماقلىرى، سابانجى سۇيىقەستىنىڭ ئىجراچىسى قاچقۇن تېررورچى فەخرىيە ئەردال دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا باشلىدى.

624665
بېلگىيە مەھكىمىسى، قاچقۇن تېررورچى فەخرىيە ئەردال دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەدە يوقلۇقىدا سوتلانغان تېررورچى فەخرىيە ئەردالنىڭ 30 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

قاچقۇن تېررورچى فەخرىيە ئەردال 1996 – يىلى سودا – سانائەتچى ئۆزدەمىر سابانجىغا قىلىنغان سۇيىقەست قاتارلىق تۈركىيەدە سادىر قىلغان جىنايەتلەر بويىچە بېلگىيەدە سوتلىنىشقا باشلىدى؛ بۈرۈژ ئېغىر جازا مەھكىمىسىدە قاراپ چىقىلىشقا باشلىغان دېلونىڭ بىرىنچى سوتىدا تەپتىش، ئەردالغا 30 يىللىق ئېغىر قاماق جازاسى ۋە 15 يىللىق قوشۇمچە بىخەتەرلىك تەدبىرى جازاسىنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئادۋوكاتى بۇرۇنلا دېلودىن چېكىنگەنلىكى ئۈچۈن، ئەردالنى سوتتا ھېچكىم ئاقلىمىدى. سوتنىڭ ھەل قىلغۇچ قارارى 2 – يانۋاردىكى سوتتا مۇئەييەنلىشىدۇ. بېرىلىدىغان جازا مۇئەييەنلەشكەندىن كېيىن ئەردالنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ساقچى تەشىلاتىنىڭ قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى ھۆججىتى چىقىرىلىشى تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن.

1996 – يىلىدىكى سابانجى سۇيىقەستىدىن كېيىن چەت ئەلگە قاچقان ئەردال، 1999 – يىلى بېلگىيەنىڭ نوككې شەھىرىدە قولغا چۈشۈرۈلدى. بىر يىلغا يېقىن تۈرمىگە سولانغاندىن كېيىن بىر ئۆيگە نەزەربەنت قىلىنغان ئەردال، 2006 – يىلى قېچىپ كەتتى. 2007  - يىلى سابانجى ئائىلىسىنىڭ ئىلتىماس سۇنۇشى بىلەن، ئەردالنىڭ سابانجى سۇيىقەستى قاتارلىق تۈركىيەدە سادىر قىلغان جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن سوتلىنىشىنىڭ يولى ئېچىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر