ئاۋستىرىيەدىكى سايلامدا رادىكال ئوڭچىلار غەلىبە قىلالمىدى

تۈنۈگۈن (4-دېكابىر) ئاۋستىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، رادىكال ئوڭچى ئاۋستىرىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى يېشىللار پارتىيەسىگە ئۇتتاردى.

623641
ئاۋستىرىيەدىكى سايلامدا رادىكال ئوڭچىلار غەلىبە قىلالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن ئاۋستىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئالېكساندېر ۋاندېربېللېن غەلىبە قىلغان. ۋاندېربېللېن %53.3 ئاۋازغا، رادىكال ئوڭچى ئاۋستىرىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى (FPÖ) نىڭ نامزاتى خوفېر %46.7 ئاۋازغا ئېرىشكەن. خەلقنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %74 بولغان.

سايلامنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرى بۈگۈن (5-دېكابىر) ياكى ئەتە (6-دېكابىر) ئېلان قىلىنىدۇ.

ۋاندېربېللېن رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھوفبۇرگ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياۋروپاغا مۇسبەت سىگنال بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددەت ئىچىىدە، ياۋروپانى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ھەممە كىشىگە تەڭ قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «دۇنياغا ئېچىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىمەن، ماڭا ئاۋاز بەرگەن ۋە بەرمىگەن، كۆڭلىدىن خالاپ ياكى خالىماي ئاۋاز تاشلىغان ھەممە كىشىنىڭ پىرېزىدېنتى بولىمەن. مەن پارتىيەلەردىن ئۈستۈن تۇرغان ھالەتتە ھەرىكەت قىلىمەن، ھېچكىمگە ئايرىمىچىلىق قىلماستىن ھەممە كىشىگە تەڭ قۇچاق ئاچىمەن» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كۆچمەنلەرنى قوللىغان باياناتلىرى بىلەن دىققەت تارتقان ئالېكساندېر ۋاندېر بېللېن، مۇسۇلمانلارغا ۋە كۆچمەنلەرگە بولغان لىبېرال قاراشلىرى بىلەن تونىلىدۇ.

رادىكال ئوڭچى ئاۋستىرىيە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى نوربېرت خوفېر مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا: «ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم ۋە ھەيران قالدىم. بىراق، سايلىغۇچىلار ھەر قاچان توغرا، خەلقنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. خوفېر كېلەر قېتىملىق سايلام ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئالتە يىل كېيىن كۈچۈمنى تېخىمۇ يىغىپ، قايتىدىن سىنايمەن» دېدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر