ب د ت خەلقئارانى دۇنيا مىقىياسىدىكى مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارانى دۇنيا مىقياسىدا مۇھتاجلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلارغا جىددىي ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

623817
ب د ت خەلقئارانى دۇنيا مىقىياسىدىكى مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلەر يىلى دۇنيا مىقىياسىدا ياردەمگە ئېھتىياجلىق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان 92 مىليون 800 مىڭ كىشىگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن 22 مىليارد 200 مىليون دوللارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بىرلەشكەن دۆلەتنىڭ تەشكىلاتىنىڭ 2017 دۇنيا ئىنسانىي يادەم پىلانى دوكلاتىدا، دۇنيا مىقياسىدا 128 مىليون 800 مىڭدىن  ئارتۇق كىشىنىڭ ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، كېلەر يىلى ئىراق، جەنۇبىي سۇدان، يەمەن ۋە نىگېرىيە قاتارلىق 33 دۆلەتتىكى مۇھتاج كىشىلەرگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىش نىشان قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ب د ت 2017 –يىلى ئۈچۈن خەلقئارانى ياردەمگە چاقىرىپ، تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ياردەم چاقىرىقىنى قىلغان بولدى. ب د ت 2016-يىلى خەلقئارانى 20 مىليارد 100 مىليون ياردەم قىلىشقا چاقىرغانىدى.

ب د ت 22 مىليارد 200 مىليون دوللارنىڭ 8 مىليارد 100 مىليونىنى يەنى دۇنيا مىقىياسىدىكى ياردەم مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتە بىرىنى سۈرىيەلىكلەرگە ئىشلىتىشنى پىلانلىماقتا.

سۈرىيەدىكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق 12 مىليون 800 مىڭ كىشىگە 3 مىليارد 400 مىليون دوللار، سۈرىيەگە قوشنا دۆلەتلەردىكى 4 مىليارد 700 مىليون مۇساپىرغا 4 مىليارد 700 مىليون دوللار ياردەم ئاجرىتىلىشى نىشان قىلىنماقتا.

يەمەندە مۇھتاج ھالەتتە تۇرۇۋاتقان 10 مىليون 300مىڭ كىشىگە 1 مىليارد 900 مىليون دوللار، جەنۇبىي سۇداندا مۇھتاج ھالەتتە تۇرۇۋاتقان 5 مىليون 100 مىڭ كىشىگە 1 مىليارد 300 مىليون دوللار،ئافرىقا قىتئەسىدىكى 1 مىليون 900 مىڭ جەنۇبىي سۇدانلىق مۇساپىرغا 1 مىليارد 210 مىليون دوللار، نىگېرىيەدە مۇھتاج ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلارغا 6 مىليون 900 مىڭ كىشىگە 1 مىليارد دوللار، سۇداندا مۇھتاج ھالەتتە تۇرۇۋاتقان 4 مىليون 600 مىڭ كىشىگە 952 مىليون دوللار، ئىراقتا ياردەمگە ئېھتىياجلىق 5 مىليون 800 مىڭ كىشىگە 930 مىليون دوللار ياردەم قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

بۇ يىل ياردەم بۇيۇملىرى ئۈچۈن 11 مىليارد 400 مىليون دوللار يىغىلغانلىقى، بىراق 10 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق فوند كەملىكى بارلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، دۇنيا مىقىياسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر