بارزانى پ ي د نى قاتتىق ئەيىبلىدى

شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى، ئامۇدە خەلقىگە پ ي د غا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

623148
بارزانى پ ي د نى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى مەسئۇد بارزانى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغان PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە قانىتى پ ي د نىڭ چوقۇم بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بارزانى بايانات بېرىپ، پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھاسەكە ۋىلايىتى ئامۇدە ناھىيەسىدە نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا ۋە سۈرىيە كورد مەملىكەتلىك كېڭىشى ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى؛ «كوردلارنىڭ ياشلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنى قىينىغانلار ھەردائىم نومۇس ئىچىدە خاتىرىلىنىدۇ. بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلار چوقۇم بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دېگەن بارزانى، ئامۇدە خەلقىگە پ ي د غا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

سۈرىيە كورد مەملىكەتلىك كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈن ئامۇدەدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلغان پ ي د ئەزالىرى، پارتىيە بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە كېڭەشنىڭ ئەزالىرىنى يارىلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر