ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى تەھدىتكە ئۇچرىماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى جامەلەرگە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتنى ئىپادىلەيدىغان مەكتۇپلار كەلمەكتە.

621384
ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى تەھدىتكە ئۇچرىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيەدىكى بەزى جامەلەرگە ئەۋەتىلگەن ئوخشاش مەزمۇندىكى مەكتۇپلار، باشقا ئىشتاتلاردىكى جامەلەرگىمۇ يوللاندى. مۇسۇلمانلار ئامېرىكىدىن چىقىپ كەتمىگەن تەقدىردە قىرغىنچلىققا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان مەكتۇپلار، دۆلەت مىقياسىدا ئومۇملىشىشقا باشلىغان ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

ساقچىلار، «شەيتاننىڭ ئەۋلادلىرى» دېگەن ئىمزا بىلەن ئەۋەتىلگەن مەكتۇپلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى. ساقچى تارماقلىرى، بۇنىڭ بىر نەپرەت ياكى ئۆچمەنلىك ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، لېكىن جىنايەت تۈرىگە كىرمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭدا مۇئەييەن تەھدىت خاراكتېرلىك مەزمۇن يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، نۇسخىلاپ كۆپەيتىلگەن مەزكۇر مەكتۇپلاردا، مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلىش بىلەن بىرگە «دونالد ترامپ گىتلېر يەھۇدىيلارغا قىلغان ئىشلارنى مۇسۇلمانلارغا قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى، ۋەقەنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئەمەلدارلىرى، مەكتۇپلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يېتەرلىك تەھدىت ئامىلىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر