سۈرىيەدە ئامېرىكىلىق ۋە گېرمانىيەلىك ي پ گ تېررورچىلىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 26 – نويابىردىكى ھۇجۇمىدا بىرى ئامېرىكىلىق، يەنە بىرى گېرمانىيەلىك ئىككى پىداكار ي پ گ ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

621654
سۈرىيەدە ئامېرىكىلىق ۋە گېرمانىيەلىك ي پ گ تېررورچىلىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق ۋە گېرمانىيەلىك ي پ گ ئەزالىرى سۈرىيەدە ئۇجۇقتۇرۇلدى؛ تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 26 – نويابىردا سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ شەھىرىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇ يەردىكى گۇماشتىسى ي پ گ نىشانلىرىغا قاراتقان ھۇجۇمىدا بىرى ئامېرىكىلىق، يەنە بىرى گېرمانىيەلىك ئىككى پىداكار ي پ گ ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

مۇنبىچتىكى مەنبەلەر، تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىن كەلگەن «روبىن ئاگېرى» تەخەللۇسلۇق مايكېل ئىسرائىل بىلەن گېرمانىيەنىڭ بىئېلېفېل شەھىرىدىن كەلگەن «زانا جىۋان» تەخەللۇسلۇق ئانتون سجك نىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئامېرىكىلىق ئىسرائېلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا، گېرمانىيەلىك سجك نىڭ بولسا، سېنتەبىر ئېيىدا سۈرىيەگە كېلىپ، ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىگە قېتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر