قاھىرە بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدا «تارىخىي يادىكارلىق كېلىشىمى» تۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مىسىر «مەدەنىي مۈلۈكلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش كېلىشىمى» ئىمزالىدى.

621583
قاھىرە بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدا «تارىخىي يادىكارلىق كېلىشىمى» تۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن مىسىر ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم، مىلادىدىن ئىلگىرى 5200- يىلىدىن مىلادىدىن كېيىنكى 1517 – يىللىرى ئارىسىدىكى مىسىرنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويۇلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى بىلەن مىسىرلىق مەنسەپدىشى سەمىھ شۈكرى ئىشتىراك قىلدى. كېررى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، «بۇ كېلىشىمنىڭ ئۈستىدە يىللاردىن بىرى خىزمەت ئىشلىدۇق. بۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى يادىكارلىقلارنى مۇھاپىزەت قىلىش يولىدىكى تۇنجى كېلىشىم. خەلقئارا مەنىدە زور بىر كۈرەش» دېدى.

مەدەنىي مىراسلارنى «ئورتاق تارىخ» دەپ تەرىپلىگەن شۇكرىمۇ، بۇ بايلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر