تايلاندنىڭ يېڭى پادىشاھى تەختكە ئولتۇردى

تايلاند بانكوك تايمىز گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 64 ياشلىق شاھزادە ماھا ۋاجىرالوڭكوم پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا چاكرى خانلىقىنىڭ 10- پادىشاھى، دەپ ئېلان قىلىندى.

619969
تايلاندنىڭ يېڭى پادىشاھى تەختكە ئولتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندنىڭ يېڭى پادىشاھى ماھا ۋاجىرالوڭكوم بولدى؛ تايلاند بانكوك تايمىز گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 64 ياشلىق شاھزادە ماھا ۋاجىرالوڭكوم پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا چاكرى خانلىقىنىڭ 10- پادىشاھى، دەپ ئېلان قىلىندى.

ماھا ۋاجىرالوڭكوم 1972 – يىلى شاھزادە ئېلان قىلىنغانىدى. ئەنئەنە بويىچە 1978 – يىلى بىر مەزگىل مەلۇم بىر بۇتخانىدا ئىستىقامەت قىلغان شاھزادە، ئارقىدىن خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

«ئەڭ ئۇزۇن سەلتەنەت سۈرگەن پادىشاھ» ئۇنۋانىغا ئىگە تايلاند پادىشاھى بۇمىبول ئادۇليادېج، 70 يىل تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن 13 – ئۆكتەبىردە ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

بۇددىزم ئېتىقادىدىكى تايلاند، 1932 – يىلىدىن بۇيان پارلامېنتلىق خانلىق تۈزۈمى بىلەن ئىدارە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر