پەلەستىن: نېتانياھۇ ئوت ئاپىتىنى باھانە قىلىپ بىزگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

پەلەستىن مەملىكەتلىك ۋە ئىسلامىي كۈچلەر گەۋدىسى نېتانياھۇ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوت ئاپەتلىرىنى باھانە قىلىپ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

619596
پەلەستىن: نېتانياھۇ ئوت ئاپىتىنى باھانە قىلىپ بىزگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپەتلىرىنى باھانە قىلىپ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ھاماس، فەتىھ، ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى، پەلەستىن خەلق ئازادلىق فىرونتى ۋە پەلەستىن دېموكراتىك خەلق ئازادلىق فىرونتى قاتارلىق تەشكىلات ۋە گۇرۇھلاردىن تەشكىل تاپقان مەملىكەتلىك ۋە ئىسلامىي كۈچلەر گەۋدىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «نېتانياھۇ بىلەن ھۆكۈمىتى ئوت ئاپەتلىرىنى باھانە قىلىپ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئىرقچى تۈسى قويۇق بولغان تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بىز بۇ قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «خەلقىمىزگە قارشى يولغا قويۇلىۋاتقان ئىرقچى سىياسەتلەرگە قەتئىي قارشىمىز، بۇ ئەيىبلەشلەردىن پەلەستىن خەلقى قورقۇپ قالمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزلىرىنى تېخىمۇ مۇداپىئە قىلىشقا ۋە ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك كۈرەش قىلىشقا تىرىشىدۇ.»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئوت ئاپەتلىرىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنىڭ تولىمۇ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى. شۇڭا، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىمۇ 30 پەلەستىنلىكنىڭ  بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش گۇمانى بىلەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، ئارقىدىن بۇلارنىڭ 8نىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر