ئانگېلا مېركېل گ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل يەرشارىلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە گ20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكتىلەپ ئۆتتى.

619001
ئانگېلا مېركېل گ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل سانائەت جەھەتتىن تەرەققىي  قىلغان دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان گ20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ، يەر شارىلىشىش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەھىيمە ۋە ئەندىشىلەرگە سەھنە بولىۋاتقان كۈنىمىزدە تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئانگېلا مېركېل ئۆتكەن ھەپتە شەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، گ 20دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ناۋادا ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلسا، دۇنيادىكى مەسلىلەرنى قەتئىي ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.»

ئانگېلا مېركېل تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، گ 20 دۆلەت يىغىنلىرىدا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە تىلغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا خىتاينىڭ پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتا ئېھتىياجتىن كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن مېركېل، بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە زىيان يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ھاكىمىيەتتىكى مەزگىلىدە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن سىرت، سەھىيە ۋە ئافرىقىغا ياردەم قىلىش قاتارلىقلارنىڭمۇ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

گ 20 دۆلەت گۇرۇھى دۇنيادىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ  %85نى ئىگىللەشتىن سىرت، دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتە ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر