ۋىياندا بىرمىلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىياندا بىرمىلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

617154
ۋىياندا بىرمىلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمىدا مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار بىرمىدىن بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋىيانادىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار يېقىندىن بۇيان ياۋروپا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە يامراپ كېتىۋااتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرىقچىلىققىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا ئىسلامغا قارشى گويا ئۇرۇش بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر