ئامېرىكا ئىرانغا 20 مىليارد دوللارلىق ئايروپىلان سېتىپ بېرىدۇ

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا 20 مىليارد دوللارلىق سودا ئايروپىلانى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

615868
ئامېرىكا ئىرانغا 20 مىليارد دوللارلىق ئايروپىلان سېتىپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا 20 مىليارد دوللارلىق سودا ئايروپىلانى سېتىشنى تەستىقلىدى.

 مەركىزى فىرانسىيەدە بولغان ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Airbus ، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ  ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ Airbus شىركىتىنىڭ ئىران ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەخمىنەن 20 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئايروپىلان سېتىشنى مەزمۇن قىلىدىغان قارار لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: « ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسىدىن 2016-يىلى يانۋاردا پارىژدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى رۇخسەتنامىنى ئالدۇق. بۇ رۇخسەتنامە ئىران ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرگە رۇخسەت قىلىدۇ. »

مەركىزى فىرانسىيەدە بولغان ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Airbus بىلەن ئىران ئاۋىئاتسىيە شىركىتى،  ئىران بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بەش دائىمىي دۆلەت ۋە گېرمانىيەدىن تەشكىل تاپقان 6 دۆلەت ئوتتۇرىسىدا  ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنىڭ بۇ يىل يانۋاردا يولغا قويۇلۇشىدىن كېيىن 118 ئايروپىلاننىڭ سودىسى ئۈچۈن پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانىدى.  

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى،  مەركىزى فىرانسىيەدە بولغان ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Airbus نىڭ ئىرانغا 17 ئايروپىلان سېتىپ بېرىشى ئۈچۈن لازىملىق رۇخسەتنامىنى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا تەستىقلىدى.

شىركەت ئايروپىلانلارنىڭ ئەڭ ئاز %10نى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن ۋاشىنگىتوننىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن ئىرانغا مەھسۇلات ساتالمايدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى 2015-يىلى ئىيۇلدا ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە يۇمشىتىشقا باشلىغانىدى.

ئىران ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۇنىڭغا ئاساسەن ئامېرىكا ئايروپىلان شىركىتى بىلەن 737 ۋە 777 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بۇ يىل ئىيۇندا كېلىشىم تۈزدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۆتكەن ھەپتە ئىرانغا سودا ئايروپىلانى سېتىشنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئىلگىرى تەستىقلانغان سېتىش رۇخسەتنامىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر ماددىنىڭ ئورۇن ئېلىشى مەركىزى فىرانسىيەدە بولغان ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Airbus قا بېرىلگەن سېتىش رۇخسەتنامىسىنىڭ ئىناۋەتسىز قىلىنىش ئېھتىمالىنى پەيدا قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر