ئەنگلىيە ئەنگىس بورىنى ئاپىتىگە دۇچ كەلدى
دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى، بىنالارنىڭ ئۆگزىسى ئۇچۇپ كەتتى. شىدەتلىك بوران ۋە يامغۇر سەل ئاپتىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. دەريا - ئۆستەڭلەر تېشىپ كېتىپ، نۇرغۇنلىغان قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن ئەنگىس بورىنى ئاپىتىدە 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئەنگىس بورىنى ئاپىتى بولۇپمۇ گىرېيدىر مانچىستىر رايونىدا خەلق تۇرمۇشىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.
دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى، بىنالارنىڭ ئۆگزىسى ئۇچۇپ كەتتى. شىدەتلىك بوران ۋە يامغۇر سەل ئاپتىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. دەريا - ئۆستەڭلەر تېشىپ كېتىپ، نۇرغۇنلىغان قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى.
ئەنگىس بورىنى ئاپىتى قۇرۇغلۇق ۋە تۆمۈر يول قاتنىشىدىن باشقا يەنە دېڭىز قاتنىشىنىمۇ توختىتىپ قويدى.
گاللېردا پورتقا يېقىنلىشىشقا تىرىشقان 100 يولۇچىسى بار پاراخوت، 24 سائەتتىن ئۇزۇنغىچە دېڭىز ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالدى.
رايوننى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراتقان ھاۋا رايىدىكى سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ بىر ھەپتىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.