ترامپ دەسلەپتە رەت قىلدى، كېيىن ئۆزلۈكىدىن باردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ نيۇ يورك تايمىز مۇخبىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يىغىننى دەسلەپتە ئەمەلدىن قالدۇردى، ئارقىدىن گېزىتخانىغا بېرىپ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

616356
ترامپ دەسلەپتە رەت قىلدى، كېيىن ئۆزلۈكىدىن باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپنىڭ گېزىتخانا خادىملىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىبادەت، پىكىر ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار بىرىنچى ماددىسى، يېڭى كابىنېت، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىقى ۋە سۈرىيە دېگەندەك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

ترامپ گېزىتخانىدا سۆز قىلىپ، «گېزىتقا ناھايىتى كۈچلۈك ھۆرمىتىم بار ئىدى. تولىمۇ قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم، دەپ ئويلايمەن» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەپسۇسكى، (گېزىتنى) ئوقۇيمەن. ئوقۇمىغان بولسام، 20 يىل ئۇزۇن ياشىغان بولاتتىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، بۇ نۇقتىدا ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گېزىتخانىدىكى زىيارەت جەريانىدا پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان ترامپ، «ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا تىنچلىق ئورناتقان كىشى بولۇشنى خالايمەن. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر