خىتايدا بىر كۆمۈر كاننى سۇ باستى

ئىشچىلاردىن ئېغىر يارىدار بولغان 14 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى. قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلار ئۈچۈن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

616010
خىتايدا بىر كۆمۈر كاننى سۇ باستى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا كۆمۈر كانىنى سۇ بېسىپ كېتىپ 7 ئىشچى قاپسىلىپ قالدى.

خىتاينىڭ شەرقىدىكى جىئاڭشى ئۆلكىسىنىڭ يىچۈن شەھىرىدە 21 ئىشچى ئىشلەۋاتقان بىر كۆمۈر كاننى سۇ باستى.

رايونغا ئەۋەتىلگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى، سۇنى تارتىپ چىقىرىش ۋە ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىمۇ يوللاندى.

ئىشچىلاردىن ئېغىر يارىدار بولغان 14 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى. قالغان 7 كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر