ئامېرىكا كابۇلدىكى شىئەلەرگە تەۋە بىر جامەگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى كابۇلدىكى شىئەلەرگە تەۋە باقىرىل ئۇلۇم جامەسىگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشاتلىرى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى باقىرىل ئۇلۇم جامەسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ «ئافغانىستاندىكى مەزھەپ سۈركىلىشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈش»غەرىزىدە سادىر قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە مۇقىم، پاراۋان ۋە تىنچ ئافغانىستان بەرپا قىلىش يولىدا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
ئافغانىستان مەسئۇللىرى، پايتەخت كابۇلدا خازارا شىئەلىرىگە تەۋە باقىرىل ئۇلۇم جامەسىگە قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 30 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، تەخمىنەن 80 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.