ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 32 – نۆۋەتلىك يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى.

614998
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلقى يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى 2015 – يىلى 2 تىرىليون دوللارغا يەتكەن ۋە 7 تىرىليون دوللار سەرمايىسى بارلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئىسلامىي پۇل – مۇئامىلە ساھەسىنى ئىسلام ئەللىرىنى گۈللەندۈرۈشتە تۈرتكلىك رول ئوينىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە بۇ ھەقتە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر تەشكىل قىلىدۇ.

تەرەققىيات مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چاقىرىلغان يىغىنغا 57 ئەزا دۆلەت ۋە 5 كۆزەتكۈچى دۆلەتتىن سىرت يەنە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشماقتا.

بۇ ئارىلىقتا، SEDAK نىڭ ئىسلام ئەللىرى ئارا سودا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم لايىھەسى بولغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارا تاللاش خاراكتېرلىك سودا مىخانىزمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەنمەكتە. قانۇنىي جەھەتتىن ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر تاماملانغان تاللاش خاراكتېرلىك سودا مىخانىزمىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كېلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر