پ ك ك بۇ قېتىم 2000 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى

تېررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك - پ ي د سۈرىيەدىكى بىر ناھىيەدە 2000 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

614573
پ ك ك بۇ قېتىم 2000 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د سۈرىيەنىڭ خاسەكە ۋىلايىتىگە قاراشلىق قامىشلىق ناھىيەسىدە 2000 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

تېررورچىلار ئۇزۇندىن بۇيان ماناھىل ئەلبىر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ رەھبەرلىرىگە تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتاتتى، تېررورچىلار بۇ قېتىم بۇ مەكتەپكە بېسىپ كىردى. كۈندۈز ۋە ئاخشام بولۇپ 2000 ئوقۇغۇچى تەلىم ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار، تېررورچىلار تەرىپىدىن مەكتەپتىن چىقىرۋېتىلدى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپكە كەلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن تېررورچىلار مەكتەپ بىناسىغا قۇلۇپ سېلىۋەتتى. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى بولغان پ ي د ، 9-ئۆكتەبىردە قامىشلىقتىكى ئۈمىت ۋە تىنچلىق مەكتىپىگە، 10-ئۆكتەبىردە خۇسۇسىي فىرات مەكتىپى، 24-ئۆكتەبىردىمۇ دەيرىك رايونىدىكى خۇسۇسىي ئەرمەنىي مەكتىپىگە بېسىپ كىرىپ،  بۇ مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە تەھدىت سالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر