ئىسلامئاباد يۇقىرى سوت مەھكىمىسى فەتھۇللاھچىلارنىڭ ئېتىرازىنى رەت قىلدى
ئىسلامئاباد يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا بىلدۈرگەن ئېتىراز ئىلتىماسىنى «يېتەرسىز» دەپ قاراپ رەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پاكىستاندىكى ئىسلامئاباد يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان «20 – نويابىرغىچە دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىش كېتىشى» گە ئالاقىدار قارارىغا بىلدۈرۈلگەن ئېتىراز ئىلتىماسىنى «يېتەرسىز» دەپ قاراپ رەت قىلدى.
ئىسلامئاباد يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، پاكىستاندىكى «پاكتۇرك» نامى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەكتەپلىرىدە ئىشلەۋاتقان تۈركلەرنىڭ «ۋىزا مۇددىتىنى ئۇزارتىش» تەلىپىنىمۇ سوتنىڭ سالاھىيەت دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ رەت قىلدى. مەھكىمە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋىزىلىرىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس سۇنۇشقا بۇيرۇدى.
سوتقا قاتناشقان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ «پاكتۇرك» مەنسۇپلىرىنىڭ ۋىزىسىنىڭ 9 – سېنتەبىردە ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋىزىلىرىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى تەلەپ قىلمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارارى «دۆلەت ئىشى» بولۇپ، ئەدلىيەنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش سالاھىيىتى يوق ئىكەن.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى پاكىستان زىيارىتىدىن ئىلگىرى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەكتەپلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 108 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چودرى نىسار ئەلىخان، سانى 400 گە يېتىدىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىنىڭ 5 كۈن ئىچىدە دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.