ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى دىرېكتورى جېيمس كلاپپېر ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە چېتىشلىق تۇنجى ئىستېپا ئىلتىماسى سۇنۇلدى.

613435
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى دىرېكتورى جېيمس كلاپپېر ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى دىرېكتورى جېيمس كلاپپېر، پىرېزىدېنت باراك ئوبامادىن تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشى بىلەن تەڭ ئىستېپا بېرىشى كۈتۈلۈۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئىچىدىكى تۇنجى ئىستېپا بەرگەن كىشى بولدى.

جېيمس كلاپپېر يېڭى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئاق سارايدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە 64 كۈن قالغاندا ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ، ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن ئالاقىدار بىر يىغىندىن ئىلگىرى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاپ، «تۈنۈگۈن كېچە ئىستېپا ئىلتىماسىمنى بەردىم، بۇ ئىش مېنى ناھايىتى ئەركىن ھېس قىلدۇردى» دېدى.

كلاپپېرنىڭ ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشى بىلەن تەڭ يېڭىدىن تەيىنلىنىدىغان ئەمەلدارلارغا ئورۇن بوشىتىش ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە. مۇددەتتىن بۇرۇن ئىستېپا بېرىشىنىڭ سەۋەبىگە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن كىلاپپېر، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى دىرېكتورلۇقىنىڭ 4 – دىرېكتورى سۈپىتىدە 6 يىلدىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدىن لېيتېنانت گېنېرال دەرىجىسىدە دەم ئېلىشقا چىققان 75 ياشلىق كلاپپېر، 1992 – يىلىدىن 1995 – يىلىغىچە مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئاگېنتلىقىنىڭ تۇنجى دىرېكتورى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر