رۇسىيە ترامپنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى
رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 45 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
613311

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل بوگدانوۋ، بىر يىغىندا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ۋاشىنگتوندا يېڭى پىرېزىدېنتقا ياردەم بېرىش ئېھتىماللىقى بار شەخسلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ھەم ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان ھەم ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان ھاكىمىيەتنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى رۇسىيەسىز ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئۇ يەنە، دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىراق ھۆكۈمىتىگە قورال - ياراغ ۋە ھەربىي ئەسلىھەرلەر جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقلىرىنى، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇ شەكىلدە ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.