دائېشنىڭ 80، پ ي د نىڭ 1 نۇقتىسى يوقىتىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى توقۇنۇشتا 1 ئۆكتىچى شېھىت بولدى.

613337
دائېشنىڭ 80، پ ي د نىڭ 1 نۇقتىسى يوقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 87 – كۈنىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 80، پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر نۇقتىسى توپقا تۇتۇلۇپ، تېررورچىلارنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى، قوماندانلىق – كونترول ئورۇنلىرى بىلەن قورال ۋە ئاپتوموبىللىرى يوقىتىپ تاشلاندى.

بۇ جەرياندا، ئەلبابنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەلكۇفەير رايونىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ئىككى ئايرىم ھۇجۇمدا 3 ئەسكەر يېنىك يارىلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆكتىچى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى، تۈركىيە توپچى قىسىملىرىنىڭ ياردىمى سايىسىدا قاراداغ رايونىدىكى 5 ئاھالىلەر رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى. شۇنداق قىلىپ، ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان 212 ئاھالىلەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1760 كىۋادرات كىلومېتىر جاينىڭ كونتروللۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولدى.

رايوندىكى توقۇنۇشلار جەريانىدا 1 ئۆكتىچى شېھىت بولدى، 18 ئۆكتىچى يارىلاندى. توقۇنۇشلاردا يەنە پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 4؛ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 1 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

قولغا كىرگۈزۈلگەن جايلاردا بايقالغان 3 مىنا بىلەن 12 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ پىلانلىق ھالدا چۇۋۇپ تاشلاندى. بۇلارنى قوشقاندا، ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان كۆپىنچىسى قۇرۇلغان ھالەتتىكى 39 مىنا بىلەن 1587 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ چۇۋۇپ تاشلانغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر