ئەرەب ئىتتىپاقى دونالد تىرامپنى تەبرىكلىدى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غايت ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنى تەبرىكلدى.

612275
ئەرەب ئىتتىپاقى دونالد تىرامپنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پىرېزىدېتنلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان دونالد تىرامپقا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غايت دونالد تىرامپقا ئۇتۇق تىلەپ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي دوستلۇق مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

تەبرىك تېلېگراممىسىدا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولماي كېلىۋاتقانلىقىنى  ئېيتقان ئەبۇ غايت، تىرامپ باشچىلىقىدىكى يېڭى ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر