ئامېرىكىدا ئىككى ئايرىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما ئىشتاتى ئايرودۇرۇمىدا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە كىملىكى ئېنىقلىنالمىغان بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

611606
ئامېرىكىدا ئىككى ئايرىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 8 مىڭ يولۇچى كېلىپ كېتىدىغان مەزكۇر ئايرودۇرۇمدىكى ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار بارلىق كىشىلەرنى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھاۋا قاتنىشىنى توختاتتى شۇنداقلا ئايرودۇرۇم ئەتراپىدىكى بارلىق چوڭ – كىچىك يوللارنى توسۇۋەتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت يەنە بىر قېتىم مەكتەپ زوراۋانلىق ۋەقەسىگە سەھنە بولدى؛ ئۇتاخ ئىشتاتىدىكى بىر تولۇق مەكتەپتە 5 ئوقۇغۇچى پىچاقلاندى؛ مەكتەپنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئورنىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدىن كېيىن، 16 ياشلىق ھۇجۇمچى قولغا چۈشۈرۈلدى. يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر ئوقۇغۇچىلار دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىندى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارغا گۇۋاھ بولغۇچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بوينىدىن، يەنە بىرى بېشىدىن يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر