ناتو: ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە ئېھتىياجىمىز بار

ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋەتنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە قارشى داۋام قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

610086
ناتو: ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە ئېھتىياجىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «گۇاردىيان گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە: «زامانىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك قىيىنچىلىقلىرىغا دۇچ كەلدۇق. ھازىر ياۋروپا بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋەتنىڭ پايدىسىنى تالاش-تارتىش قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى شېرىكلىكنىڭ 67 يىل بويىچە تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە پاراۋانلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ شېرىكلىك سايىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى قورقۇتتۇق ۋە سوغۇق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق. بۇ ياۋروپادا ئۆزئارا ماسلىشىپ، بۈگۈن ئىگە بولغان تەڭداشسىز تىنچلىق ۋە مەۋجۇتلۇق مۇھىتىنى پەيدا قىلدى.»

ئۇ ماقالىسىدە، مەۋجۇت ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز بۇنداق نېمە بولىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر زاماندا، ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە ئېھتىياجلىق ۋە ياۋروپالىقلارنىڭمۇ بۇ يۈكنى ئادىل بۆلۈشۈشىگىمۇ ئېھتىياجلىق. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى شېرىكلىكىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئوخشىماسلىقلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن بەكرەك، بىزنى بىرلەشتۈرگەن ئامىللارنى كۆپەيتىشىمىز لازىم. يولنى يالغۇز داۋاملاشتۇرۇش ياۋروپا ئۈچۈنمۇ، ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ ياخشى تاللاش ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر