ماراكەشتە چاقىرىلغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىش كونفىرانىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ماراكەشتە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىش كونفىرانىسىغا مۇھىتسۆيەرلەر نامايىش ئۆتكۈزدى.

609812
ماراكەشتە چاقىرىلغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىش كونفىرانىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
fas’ta çevrecilerden gösteri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى تەرەپلەر كونفېرانىسى ماراكەشتە داۋاملاشماقتا.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسلىرىنى بېكىتىشكە تىرىشماقتا.

كونفىرانىس داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، نۇرغۇن دۆلەتتىن كەلگەن يۈزلەرچە مۇھىتسۆيەر ماراكەش كوچىلىرىغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

مۇھىتسۆيەرلەر دۆلەت ئەربابلىرىنى بۇرۇنراق ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

مۇتەخەسىسلەر زەھەرلىك گازلار سۈرئەت بىلەن ئاتموسفىراغا تارقىلىپ كەتكەن ئەھۋالدا يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ دۆلەت ئەربابلىرىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

زەھەرلىك گازنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە سەۋەبچى بولغان دۆلەت ئىچىدە ئامېرىكا، خىتاي ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.  

يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق مۇھىت ۋە كىلىمات مەسىلىلىرى كېڭەش قىلىنغان ۋە 195 دۆلەتتىن ۋەكىل قاتناشقان كونفىرانىس مۇشۇ جۈمە ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر