گېرمانىيەدە پ ك ك قوللىغۇچىلىرى جېدەل چىقاردى

گېرمانىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللايدىغان 300 دەك كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

610180
گېرمانىيەدە پ ك ك قوللىغۇچىلىرى جېدەل چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە قوللاپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارى بولغان 300 دەك كىشى كۆھلىندە نامايىش ئۆتكۈزدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش كاتتىۋېشىنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلارنىڭ ئەتراپقا ياغ بوتۇلكىلىرى ئېتىشلىرىغا قارىتا،  ساقچىلار ھەرىكەتكە ئۆتتى.

نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكىلارنى ئاتقان بولسا، ساقچىلارمۇ نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.

تاش ۋە بوتۇلكىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ساقچىلاردىن بىرىنىڭ بېشىغا بوتۇلكا تەگدى، بىرى يۈزىگە مۇشت يىدى.

ساقچىلار ۋەقەدىن كېيىن 8 نامايىشچىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى، 30 دەك كىشى ئۈستىدىن ئەرز  قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر