دونالد تىرامپ ئاقساراينىڭ رەھبەرلىك ھەيئەت ئەزالىرىنى بېكىتتى

ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئاقساراينىڭ رەھبەرلىك ھەيئەت ئەزالىرىنى بېكىتىپ چىقتى.

609831
دونالد تىرامپ ئاقساراينىڭ رەھبەرلىك ھەيئەت ئەزالىرىنى بېكىتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 8-نويابىردىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد تىرامپ، ئاقسارايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئالىي دەرىجىلىك مەسئۇللارنى بېكىتىپ چىقتى.

تىرامپ ئاقساراي باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە  رېينىس پىرىبىسنى تەيىنلىدى.

44 ياشلىق رېينىس دونالد تىرامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە باشلامچىلىق قىلغان ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

رېينىسنىڭ ھەم تىرامپ ھەمدە ئاقساراي باياناتچىسى پاۋۇل رايىن بىلەن ياخشى ئالاقىسى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

دونالد تىرامپ باش كاتىپلىق مەسلىھەتچىلىگە كىنو رىژوسسورى بولغان سىتېفېن باننون تەيىنلىدى.

62 ياشلىق باننون دونالد تىرامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر