دونالد تىرامپ مۇسۇلمانلار، قارا تەنلىكلەر، دائېش ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى

ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ مۇسۇلمانلار، قارا تەنلىكلەر، دائېش ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدى.

609811
دونالد تىرامپ مۇسۇلمانلار، قارا تەنلىكلەر، دائېش ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى باشلىقى دونالد تىرامپ، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق پەيدا بولغان قاراشلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ ۋەھىمىنى تاراتقۇلار قەستەن پەيدا قىلماقتا.»

دونالد تىرامپ CBS قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

تىرامپ كوچىلارغا چىقىپ ئۆزىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ياخشى تونىمايدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامايىشچىلارنىڭ ئىچىگە كەسپىي نامايىشچىلارنىڭ سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

نامايىشلارنىڭ بۇرۇنراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان تىرامپ، نامايىشچىلارنىڭ ئۆزىنى ياخشىراق تونۇۋېلىشى ئۈچۈن بىرئاز ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تىرامپ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە قايسى خىل ئۇسۇلنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا ھازىرچە جاۋاپ بېرىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېيىش بىلەنلا چەكلەندى: «ھازىرچە دائېشتىن تولۇق قۇتۇلىدىغانلىقىمىزنىلا دەپ ئۆتەي.»

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا سەرپ قىلغان چىقىملار ئۈستىدىمۇ توختالغان تىرامپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «ئوتتۇرا شەرقتە 6 تىرىليون دوللار چىقىم قىلىپتىمىز. بۇ پۇل بىلەن دۆلىتىمىزنى  ئەڭ ئاز ئىككى قېتىم يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقاتتۇق. يوللىرىمىز، كۆۋرۈكلىرىمىز، تۇنېللىرىمىز ۋە ئايرودۇرۇملىرىمىزنىڭ ھالىغا قاراپ باقمامسىلەر، ھەممىسى كونىراپ كەتتى.»

تىرامپ ئاخىرىدا 400 مىڭ دوللار قىلىپ بېكىتىلگەن پىرېزىدېنتلىق مائاشىنىمۇ ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بىلىشىمچە قانۇنىي جەھەتتىن ئالمىسام بولمايدۇ، بۇ سەۋەبتىن پەقەت بىر دوللارنىلا ئالىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر