ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى سوربجون جاگلاند تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى.

608675
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جاگلاند تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئالدى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ بىلەن كۆرۈشتى. ئارقىدىن چانكايا سارىيىدا باش مىنىستىر يىلدىرىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ بىرگە بولدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 - ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى يۈز بەرگەن كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن جاگلاندقا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە بۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتىمۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ داۋاملىق تۈركىيەنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

جاگلاند فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى داۋاملىق تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە – ياۋروپا كېڭىشى ھەمكارلىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كېيىنچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك بىلەن كۆرۈشكەن جاگلاند جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر