جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىنىسكتە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قىزغىن قارشى ئېلىندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىنىسكتە بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالاكساندېر لۇكاشېنكو تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قىزغىن قارشى ئېلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «جۇمھۇر رەئىس سۈپىتىدە بېلارۇسىيەگە كېچىكىپ بولسىمۇ زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلىمەن. كەلگۈسىدە رايوندا بېلارۇسىيە بىلەن بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ساھەدە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. تۈركىيەنىڭ بېلارۇسىيەدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 1.5 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ» دېدى.
ھەمراھلىقىدىكى تۈرك سودا – سانائەتچىلەرنىڭ بېلارۇسىيەگە ئالاھىدە قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بېلارۇسىيەلىك كارخانىچىلار بىلەن بىرلىكتە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئورتاق سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالاكساندېر لۇكاشېنكو تۈركىيەدىن 200، بېلارۇسىيەدىن 300 دىن ئارتۇق شىركەت ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىننىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن ئەڭ كەڭ كۆلەملىك يىغىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەردوغان ئالىيلىرى! سىزنىڭ بۇ زىيارىتىڭىز ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ئىشەنچىم كامىل. مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن سەمىمىي رەۋىشتە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ سەمىيىتىگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەقتە بىز سىزگە چىن ۋەدە بېرەلەيمىز. تۈركىيەگە قارىتا ھەمىشە ئوچۇق – يورۇق بولىدىغانلىقىمىزغا چىن ئىشىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.»