جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېلارۇسىيەدە

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكقا يېتىپ باردى.

608794
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېلارۇسىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ۋە ساھىبخان دۆلەت بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالاكساندېر لۇكاشېنكو رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، كۈندىلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا يەنە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە قارىتا ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى، تۈرلۈك كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، تۈركىيە – بېلارۇسىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلىدۇ ھەمدە تۈركىيە دىنىي ئىشلار فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن سېلىنغان مىنىسك جامەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

بېلارۇسىيە زىيارىتىدە ئەردوغانغا مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى ناھايتى نىھات زەيبەكچى، تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى بۈلەنت تۈفەكچى قاتارلىق رەھبەرلەر ھەمراھ بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر