ترامپ، مۇسۇلمانلار توغرىسىدىكى پىكىرلىرىدىن يالتايدىمۇ؟

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققەت – نەزىرى يېڭى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بەزىلىرى «ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ياساش» نى تەقەززا قىلىدىغان پۈتكۈل ۋەدىلىرىنى ئورۇنداپ – ئورۇندىمايدىغانلىقىغا مەركەزلەشتى.

608110
ترامپ، مۇسۇلمانلار توغرىسىدىكى پىكىرلىرىدىن يالتايدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامغا قارشى سۆزلىرى بىلەن نارازىلىق قوزغىغان ترامپنىڭ «تۇنجى ئىشى»، «ئاق سارايغا بارغاندا ئىش ئۆزگىرىدۇ» دېگەن ئانالىزنى تولۇق مەنىدە جەزملەشتۈردى؛ ترامپنىڭ https://www.donaldjtrump.com ناملىق ئىنتېرنېت سەھىپىسىدىكى 2015 – يىلى 7 – دېكابىردا ئېلان قىلىنغان «مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسى چىقىرىۋېتىلدى. مەزكۇر سۆزلەر ئورۇن ئالغان ئۇلىنىشقا باسقان زىيارەتچىلەر، ترامپنىڭ سايلام رىقابىتىگە قانداق ئىئانە قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ئورۇن ئالغان باشقا بىر بەتكە يۆزلەندۈرۈلدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان ئىندىپېندېنت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپنىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلىش» توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئورۇن ئالغان سەھىپە، پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن 8 – نويابىر ئەتىگەندە ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئورنىغا ئۇلىنىش قىلىنغان سەھىپە 8 – نويابىر كېچىسى ئىلاۋە قىلىنغان.

دونالد ترامپ سايلام رىقابىتى پائالىيەتلىرى جەريانىدا بىر قانچە قېتىم مۇسۇلمانلارغا قارشى سۆزلەرنى قىلغانىدى.

2015 – يىلى نويابىردا فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان، كېيىنچە بۇ سۆزلىرىنىڭ «پەقەت بىر تەكلىپ» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ سۆزىدىن يېنىۋالغان ترامپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تىزىملىككە ئېلىنىشىنى «ئەستايىدىل» ئويلاش لازىملىقىنى بىلدۈرگەنىدى. بۇلاردىن سىرت ئۇ، ئامېرىكىدىكى بەزى جامەلەرنىڭ تاقىۋېتىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنىمۇ نۇرغۇن قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى.

بۇ خىل باياناتلىرى يۈزىسىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى تۈنۈگۈن ترامپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ، «يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى» نى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر