باغداد بۈگۈنمۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولدى

باغدادنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ 7 ئادەم ئۆلدى.

607589
باغداد بۈگۈنمۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ بەزى رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردە 7 ئادەم ئۆلدى، 31 ئادەم يارىلاندى.

ئەت-تاجى ناھىيەسىدە ئەسكەرلەر ماشىنا بىلەن چارىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر ئۆلدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى.

ئەل-غازالىييە رايونىدىكى بىر قەھۋەخانىغا يېقىن جايدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىدىمۇ 2 ئادەم ئۆلدى، 8 ئادەم يارىلاندى.

ئەل-مەدايان ناھىيەسىدە بىر ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتىلتىلىشى نەتىجىسىدە 1 ئادەم ئۆلدى، 2 ئادەم يارىلاندى.

سالاھىيىتى نامەلۇم بولغان بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر ئەل-ھۇرىييە رايونىدا بىر ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىپ 1 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاجىز بولغان باغداد  ناھايىتى كۆپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىلەن بومبىلىق ھۇجۇملارغا سەھنە بولماقتا. ئىراقلىق مەسئۇللار بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كەينىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا چېتىلىق گۇرۇھلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر