ئامېرىكىنىڭ 45 – پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولدى

دونالد ترامپ پىرېزىدېنت سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 45 – پىرېزىدېنتى بولدى.

606824
ئامېرىكىنىڭ 45 – پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى دومالد ترامپ فلورىدا، ئوھايئو، شىمالىي كارولاينې، ئايئەۋە ۋە پەنسىلۋانىيە قاتارلىق مۇھىم ئىشتاتلاردا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ، ۋەكىل سانىنى 289 كە يەتكۈزدى.

كالىفورنىيە ۋە نېۋادا ئىشتاتلىرىدا غەلىبە قىلغان دېموكراتلار نامزاتى ھىلارى كلىنتوننىڭ ۋەكىل سانى بولسا 218 دە قالدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بېلەتلەرنى ساناش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى نامزات ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى يوق ئىكەن. چۈنكى، سايلىغۇچىلار كومىتېتىنىڭ 538 ۋەكىلىدىن 270 ىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىش پىرېزىدېنت سايلىمىنى قازىنىشتا يېتەرلىك بولىدىكەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەر دۆلەت مەجلىسى ۋە پالاتادىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.

ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئىنكاسلارمۇ كېلىشكە باشلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ترامپقا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

كرېمل سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پۇتىن تەبرىك تېلېگراممىسىدا، رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىش، يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتلەرگە چارە ئىزدەش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانىڭ باراۋەرلىك، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر – بىرىنىڭ شارائىتىنى نەزەردە تۇتۇش پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا مۆتىدىل دىيالۇگ ئورنىتىشنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپقا مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن.

رۇس سېلىنما فوندىنىڭ مەسئۇلى كىرىل دىمىترىيېۋ ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق سۈركىلىشلەرنى ئازايتىشتا تۈرتكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋون دېر لېيېن بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇردى. دەرۋەقە، سايلىغۇچىلارنىڭ ترامپقا ئەمەس، مەۋجۇت تۈزۈمگە قارشى ئۆزىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكى ترامپقىمۇ بەش قولدەك ئايان.»

فىرانسىيە ئاشقۇن ئوڭچىل مىللىي ئالدىنقى سېپىنىڭ رەھبىرى مارىنە لې پېن ترامپنى تۇنجى تەبرىكلىگەن لىدېر بولدى.

فىرانسىيەنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئاراۋند بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «بۇ سايلامدىن كېيىن كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، كۆز ئالدىمىزدا بىر دۇنيا ۋەيران بولۇۋاتىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتنىڭ باشلىقى  جېن كلود يانكېرمۇ ترامپنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر