دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتومۇبىللىرىنىڭ بومبا ئورنىدا ئىشلىتىلىشىنى ئەيىبلىدى

تىكرىتتە بىر ئادەم بومبا دوختۇر ئاپتومۇبىلىنى ئىشلىتىپ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

606126
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتومۇبىللىرىنىڭ بومبا ئورنىدا ئىشلىتىلىشىنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تىكرىت ۋە ساماررادا پۇقرالارنى نىشان قىلىغان ھۇجۇملاردا دوختۇر ئاپتومۇبىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەندى. 

باياناتتا تىكرىتتە بىر ئادەم بومبىنىڭ دوختۇر ئاپتومۇبىلىنى ئىشلىتىپ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە 20 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتومۇبىللىرىنىڭ قورال ئورنىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتومىللىرىنى خەتەرلىك كۆرسىتىلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى، ھەمدە جىددىي ئېھتىياجلىق مەزگىللەردىكى سەھىيە پائالىيەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

بۇ ئارىلىقتا ئىراق بىخەتەرلىكنى ساقلاش قىسىملىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تىكرىت  شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى نېفىت ساھەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. رايوندا تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

تېررورچىلار ئالدىنقى ھەپتىمۇ مۇسۇلغا قاراشلىق كاييارا ناھىيەسىدىكى نېفىت قودۇقلىرىغا ئوت قويۇپ بەرگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر