ئامېرىكا فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسى، كىلىنتون ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكىدا 8 – نويابىر (ئەتە) ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قىسقا ۋاقىت قالغان پەيتلەردە پىرېزىدېنت نامزاتلىرى ئاخىرقى كوزىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

605228
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسى، كىلىنتون ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېموكراتچىلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئېلخەت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرمۇ كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسى «يېڭى پاكىتلار بار» دەپ، سايلامغا ئون كۈن قالغاندا باشلىغان ئېلخەت تەكشۈرۈشىنى تاماملىدى. ھىلارى كىلىنتوننىڭ خۇسۇسىي ئېلخەتلىرىگە ئالاقىدار «يېڭى پاكىت» لارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ باشلانغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن، فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسى باشلىقى جېيمىس كومېي دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات بېرىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يېڭىلىق يوقلۇقىنى، دېموكراتچىلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى كىلىنتوننىڭ ھېچقانداق بىر ئىش بىلەن ئەيىبلەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىلىنتون قانىتى، مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇمھۇرىيەتچى قانات بولسا، مەسىلىگە باشقا نۇقتىدىن قارىدى؛ دونالد ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك ئىشلىرى مۇدىرى، «فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ قارارى ئۆز پېتى قالغان بولسا، بۇ كىلىنتوننىڭ پەرۋاسىز ۋە مەخپىي ھۆججەتلەر توغرىسىدا يالغان ئېيتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى پول راين بولسا، قارارغا قارىماي كىلىنتوننى ئەيىبلىگەن ھالدا، «فېدېراتسىيە ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارىغا قارىماي، ھىلارى كىلىنتون دۆلەت سىرلىرىنى خەۋپكە ئىتتىردى» دېدى.

سايلامدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بۇ قارارنىڭ بېلەت تاشلىغۇچىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر