دائېش كۆمگەن مىنا 18 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىراق ئەسكەرلىرى ھاممام ئەلئالىل يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى جۇھەينە، جۇھۇنى ۋە ئەسسالىھىيە يېزىلىرى بىلەن ئەتتەللاھ رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالدى.

604329
دائېش كۆمگەن مىنا 18 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئەسكەرلىرى مۇسۇلنىڭ جەنۇبىدىكى ھاممام ئەلئالىل يېزىنىڭ كونتروللۇققىنى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىشقا تىرىشماقتا.

يېزىنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىي قىسمىدىكى بەزى رايونلار تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاندى.

ئىراق ئەسكەرلىرى ھاممام ئەلئالىل يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى جۇھەينە، جۇھۇنى ۋە ئەسسالىھىيە يېزىلىرى بىلەن ئەتتەللاھ رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالدى.

ئەتتەللاھ رايونىدا دائېشنىڭ مەرگەنلىرى ئىشلىتىۋاتقان ۋە يېزىنىڭ مەركىزىگە تۇتۇشىدىغان تونېللارنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېزىدىكى 120 ئائىلە مۇسۇلنىڭ جەنۇبىدىكى ئەلكايرا رايونىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئىراق ئەسكەرلىرى ھاممام ئەلئالىل يېزىسىنىڭ مەركىزىگە بېسىپ كىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.

ھاممام ئەلئالىلنىڭ مۇسۇل شەھەر مەركىزىدىن 30 كېلومېتىر ئۇزاقلىقفا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلدىن 120 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ھاۋىجادا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قاچقان ئائىلىلەردىن تەشكىل تاپقان پۇقرالار كارۋىنى ئۆتۈۋاتقان پەيتتە، يولغا كۆمۈلگەن مىنا پارتلىدى. 

پارتلاشتا دائېشتىن قاچقان 18 پۇقرا بىلەن كارۋانغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان 1 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر