شوتلاندىيەدە ئايال ساقچىلارنىڭ ياغلىق چېگىشىگە رۇخسەت قىلىندى
شوتلاندىيەدە مۇسۇلمان ساقچى ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق چېگىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى قارار رەسمىي ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ئايال ساقچىلار سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ساقچى فورمىسى سۈپىتىدە ياغلىق چېگىشكە رۇخسەت قىلدى.
شوتلاندىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى فىل گورملى: «مەن بۇ قارارنى ئۇقتۇرغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، مۇسۇلمانلارنى جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلاملىرىدا، يەنى ساقچى ئىدارىلىرىدىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ياردىمىنى كۈتىمىز» دېدى.
شوتلاندىيە مۇسۇلمان ساقچىلار جەمئىيىتى (SPMA) مەزكۇر قارارنى شوتلاندىيە جەمئىيىتى ۋە بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتىلىشىغا پايدىلىق، دەپ قاراپ قىزغىن قارشى ئالدى.
شوتلاندىيە مۇسۇلمان ساقچىلار جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا: «قارارنى توغرا يۈزلىنىشكە قاراپ چىقىرىلغان ئىجابىي قارار دەپ ئويلايمىز. دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىجابىي ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىدىن خۇشالمىز» دېيىلدى.