رۇسىيە ھەلەبتە «ئىنسانىي»ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ بىر نەچچە سائەت ئۇرۇش توختاتتى

رۇسىيە ھەلەبتىكى پۇقرالارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۈگۈن بىر نەچچە سائەتلىك ئۇرۇش توختاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

603670
رۇسىيە ھەلەبتە «ئىنسانىي»ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ بىر نەچچە سائەت ئۇرۇش توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە ئۆكتىچىلەر بىلەن رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەسەد قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بىر نەچچە سائەت توختىتىلدى.

موسكوۋا ھاكىمىيىتى تۈنۈگۈن ھەلەبتە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى، بۇ بەلگىلىمە تۈركىيە سائىتى 10 دا باشلىنىپ، 20دە ئاخىرلىشىدۇ.

رۇسىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئالدىنقى كۈنى پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە خەلقنىڭ شەھەرنى تاشلاپ كېتىشى ئۈچۈن 4-نويابىردا يەرلىك سائەت 9دىن 19غىچە بىر نەچچە سائەت ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

رۇسىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بىھۇدە ئۆلۈملەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، رۇسىيە ئارمىيەسى باش قوماندانى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بەرگەن يوليورۇقىغا بىنائەن، ھەلەبتە 4-نويابىر ئەتىگەن  سائەت 9دىن كەچ سائەت 19غىچە بىر نەچچە سائەت ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى. بۇ قارارنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىمۇ مۇئەييەنلەشتۈردى.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بېسىملىرىغا چىداپ بولالمىغان موسكوۋا بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا دەسلەپ بىر كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا بىلدۈرۈلگەن نارازىلىقلار سەۋەبىدىن ئۇرۇش توختىتىش مۆھلىتىنى ئۈچ كۈنگە چىقارغانىدى. لېكىن، شۇ ۋاقتتا تەخمىن قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە پۇقرالار ياكى ئۆكتىچىلەر ئىچىدىن شەھەرنى تاشلاپ كەتكەنلەر چىقمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر