تالىباننىڭ قۇندۇزدىكى قوماندانى ئۆلدى

ناتونىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇندۇز ۋىلايىتىدە تالىبانغا قارشى قىلىنغان ھاۋا بومباردىمانىدا، تالىباننىڭ رايوندىكى قوماندانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

602845
تالىباننىڭ قۇندۇزدىكى قوماندانى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىدە قىلىنغان تالىبانغا قارشى ھاۋا بومباردىمانىدا، 14 تالىبان ئەزاسى ئۆلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تالىباننىڭ رايوندىكى قوماندانىمۇ بار.

ناتونىڭ ياردىمى ئاستىدا، قۇندۇزنىڭ رۇز قانداھارى، ئالچىن، مۇللا سەردار، كەلتا تائى، ھەزرەت سۇلتان، قەنەم ھائى قاتارلىق جايلار ھاۋادىن بومباردىمان قىلىندى. رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تالىبان بومباردىمانغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر