سەراقىب ئاھالىلەر رايونى بومباردىمان قىلىندى

ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى سۇرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قاراشلىق سەراقىب ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلدى.

602646
سەراقىب ئاھالىلەر رايونى بومباردىمان قىلىندى
idlib'e hava saldırısı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىدلىبنىڭ سەراقىب ناھىيەسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 45 كىشى يارىلاندى.

ئىدلىبنىڭ ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى ئەمەلدارى ئەلفارىس، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا يارىلانغانلاردىن ئون ئىككىسىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى، بومباردىمان قىلىنغان جايدا ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان كۆپ قىسمى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاھالىلەر رايونلىرى ئىزچىل ھالدا بومباردىمان قىلىنماقتا؛ ئۆتكەن ھەپتە ئىدلىبنىڭ خاس بازىرىدىكى بىر مەكتەپ بىلەن بىر بازار بومباردىمان قىلىنىپ 22 سى كىچىك بالا، 6 سى ئوقۇتقۇچى، قالغانلىرى شۇ جايدىكى كىشىلەر بولۇپ جەمئىي 35 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر