ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 1400 يىللىق مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى چېقىپ تاشلىدى

مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى قوغداش كومىتېتى باشلىقى مۇستافا ئەبۇ زەھرا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا كىرگەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قەبرىلەرنى چېقىپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

602125
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 1400 يىللىق مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى چېقىپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قۇددۇستىكى 1400 يىللىق «بابۇل رەھمە» ناملىق مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا نۇرغۇن ساندىكى قەبرىلەر ئىسرائىلىيە تەبىئەتنى قوغداش ۋە باغچا ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن چېقىپ تاشلاندى.

مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنى قوغداش كومىتېتى باشلىقى مۇستافا ئەبۇ زەھرا بايانات ئېلان  قىلىپ: «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا «بابۇل رەھمە» مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا كىرگەن ئىسرائىلىيە تەبىئەتنى قوغداش ۋە باغچا ئىشلىرى ئىدارىسى خادىملىرى بۇ يەردىكى نۇرغۇنلىغان قەبرىلەرنى چېقىپ تاشلىدى» دېدى.

ئەبۇ زەھرا «بابۇل رەھمە»نىڭ ۋەقىپ زېمىنى ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە يۈزلىگەن پەلەستىنلىك دەپنە قىلىنغان 1400 يىللىق تارىخقا ئىگە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرىنىڭ بولسا، بۇ يەرنىڭ پاغچا زېمىنىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇلار ئۆرۈپ تاشلىغان قەبرىلەرنىڭ يېرىنىڭ باغچا ئىشلىرى ئىدارىسىغا تەۋە زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىراق «بابۇل رەھمە» ۋەقىپ زېمىنى ئۈستىگە قۇرۇلغان قەبرىستانلىقتۇر ۋە مۇسۇلمانلارغىلا ئائىتتۇر» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇدىرى ۋە باش ئىمامى شەيخ ئۆمەر ئەل كىسۋانىمۇ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا يۈز بەرگەن قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىبلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر